ە

زىمىن ياڭراق ناخشا توۋلايدۇ، يىڭنە ئىسسىق سانجىلار تاشقا. كەشتىلىنەر ئوتلۇق يۈرىكى كېچىدىكى ناۋالنىڭ ئاستا. .

  •  

    قوشنا كارىۋاتتىكى قىز

     

    ئاپتورى:9-تەۋبە

    پۇت- قولۇڭنى تۇتۇپ قويسامكەن ،
    ياشلىرىڭنى سۈرتۈپ قويسامكەن ،
    يەردە قالسۇن غورۇرۇم سەنچۈن ،
    كىرلىرىڭنى يۇيۇپ قويسامكەن .
    يىغلىۋالساڭ باغرىمغا سىڭىپ ،
    يۈرۈكۈڭنى يۈرۈكۈمگە تىڭىپ ،
    ساڭا مەڭگۈ ...
  • (8)

     

    (ئۈزۈم قىز)

     

    چاشگاھ بارىڭى جىمرلىماقتا،

    چاقنار سۈزۈك ئۈزۈمنىڭ نۇرى.

    قۇياشنىڭ ئالتۇن رومالى ئۇچار،

    ھاۋادا توپا دېڭىزنىڭ ھىدى.

    قىرغاقتا يۈگۈرۈپ پىشماقتا شامال،

    مەي بولدى بىر توپ قىزلار خۇشچىراي.

    كۆكنىڭ گۈلگۈن سىۋەتلىرىدە

    ...
  • (7)

     

    (يالقۇنتاغ كېچىسى)

     

    (1)

     

    تاشيولنىڭ ئۈستى يۇمران،

    يېشىل بازار.

    ئاستى قىزىل چىراق

    يانغان مازار.

     

    بازار مۇڭلانماقتا،

    يەردىن جىمجىت باقار بىريۈرەك.

    كۆكىنى سېتىپ بىر ئەرۋاھ

    مازار ئىچىدە سوقار گۈپۈلدەپ.

    بىر ئا...
  •  

    (9)

     

    كىچىككىنە ئۆي

     

    ئۈزۈم ئۈزۈمنى چېكەر،

    يۈرەك يۈرەكنى ئىزدەر.

    ئۈزۈمدىكى كىچىككىنە ئۆي

    شېئىردەك ئوماق كۈلۈمسىرەر.

    ئىشىكنى ئاچار،

    دېرىزىسىدىن يىراق-يىراققا قارار.

    تۈڭلىكىدىن كېچىنىڭ

    ئاي-يۇلتۇزلىرىنى تاماشا قىلار.

    شام...

  • (6)

     

    (ئۈزۈم بازىرىدىكى ئۇ ئادەم)

     

     

    گۈللەرمۇ غېرىپسىنىدۇ،

    ئۈزۈم يالغۇز چېكىلىشنى خالىماس.

    سۆز باراڭلىرى ئاستىدا ئۇيغۇر،

    ئۈستىدە يالقۇنلىنىپ تۇرار ياز.

    بازارا ئالقىنىدا كېلەر بىر ئادەم،

    يۈرىكى ھېچبىر يۈرەككە ئوخشىماس.

    &n...
  •  

    (5)

    (ئۈزۈم ساتقىلى ماڭدۇق)

     

    شىرىق-شىرىق قۇرىدى كۈندۈز

    ساتايلى ئۈزۈم بازىرىغا ئاپىرىپ.

     

    ئىسرىق سالدى ئاياللار

    بەرىكىتىنى ئۈمۈد قىلىپ.

     

    ئاتەشپەرەسمۇ

    سۇ

    ياكى بېلىق،

    پىلتىڭلاپ ئوتقا كەتتى كىرىپ.

     

    ئوت ئېگىس...

  • (4)

     

    سۆزلەردە ئېچىلغان بىر لالە بولۇپ

    چوغدەك رەڭلەرنى چاچىسەن ۋاپا.

    رەببىم...دەپ ياشىغان جان ئېگىسىسەن

    دىلىڭدا ئىمان،دىلىڭدا ئاللاھ.

    نېمىگە ئەجەبلىنىمىز ئادەملەر شۇنداق

    نۇر قالمىغان يوللىرىمىزدا

    ئىمان قۇرىغان،ۋاپالار ئۆلگەن

    گۈل بەرگ...
  • مەنكى بىر قاغان بەخىت تىلەپ،

    ئەل ئايىغى بېسىققاندا دۇئا قىلىپ

    ئۈزۈم خەلقىگە،

    بۇ شېئىرنى باشلايمەن.

    ئۈزۈلگەن گۈللەرگە،سۆزلەرگە،

    قىزلارغا ۋە قارا ئۈزۈمگە

    ھېچكىم ھازا تۇتمىسۇن،تۇغلارمۇ يېرىم چۈشۈرىلمىسۇن.

    مەنكى بىر قاغان،ئاندىن سۆز لەشكەرلىرىم...
  •  

    ( ئەزەربەيجانلىق ۋاپا )

     

    داستان

     

    ناۋال

     

    (1)

     

     

    مەنىسىز تەسەللىيلەر بىلەن باشلىدىم

    ھېكايىلەرنى...

     

    قارار دېڭىزغا سۆزلەر گۈل تۇتۇپ

    ئاق كىرپىكلىرىدە تىترەيدۇ ياشلار.

    قىرغاققا تاشلاندى بىر تال ق...


  •  

    شامال دەرەخلەرنى ئۇرماقتا

    يەردە چېچەكلەر...

     

    ياق...ئۇلار بەلكىم چېچەك ئەمەس پەقەت بۈيۈك بىر كۈن ۋە رەببىگە بولغان ئۈمۈدلەر ئىچىدە لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ ياشاۋاتقان ناتىۋان قىزلارنىڭ كۆزياشلىرىدۇر. بۇ ھېكايىنى نەچچە يىل ئاۋال بىر ھ...

  • (داستان)

    سۈبھى تەكلىرى كەتتى ئېچىلىپ

    چاچلىرىدا پارقىراق چېچەك.

    پۇرىماقتا قەدىمىي شەھەر،

    خۇشھىدىنى قىزىلگۈللەردەك.

    قارا يىپلار كەتتى غەرىپكە،

    ئاق يىپلىرى ئوينار شەرىقتە .

  • كىچىك ئۇ شۇقەدەر كىچىك
    ئەمدىلا ئايىغى چىققاندا،
    تىلى ئېچىلىپ،قۇشلار
    گۈللەرگە ئىسىم قويغاندا،
    يوق بىردىنلا كۈندۈزى
    يوق ئاسماندا قۇياشى.
    يوللارغا تاڭ ئاتمىدى دەيمۇ؟
    دەرەخلەر ئويغانمىدى دەيمۇ؟
    پارلىغان ئاي،رەڭدار باغلار
    ئاھۇ كۆزلىرىڭدىن نۇرنى
    قىسمەت قارا ھۆسنىدە

    ئۆچۈردى كىچىك قىز دەيمۇ؟

  • جېنىم قوزام، كۈزۈمنىڭ نۇرى بولغان چېچىغا خېنە قۇيۇلغان ئۇغلۇم، خېتىڭ كەلدى، گويا دۇنيالار مىنىڭ بولدى، يېزىمىزنىڭ  كاتىۋى ئۇقۇپ بەردى، مەن يىغلىدىم. قۇماندانىڭنى بەك ياخشى دەپسەن، ئۇ سىنىڭ داداڭنىڭ يېرىمىدۇر. ئۇنىڭ بۇيرىقىغاھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلما، ئوتقا كىر دېسە كىر،  كارىستىن، سىئىرىتتىن، ئۇشاقتىن، ئادانادىن ئاغىنىلىرىڭ بوپتۇ. ئۆز ئارا چىقىشىپ ئۆتىۋېتىپسىلەر. مانا بۇ سىلەرگە يارىشىدۇ. ئۇلارنى رەنجىتمە، ئۇدۇنيا- بۇدۇنيالىق دوسلىرىڭدۇر. ئەگەر رەنجىتسەڭ ساڭا بەرگەن ئاق سۈتۈمگە رازى ئەمەس. قۇماندانىڭ  چېچىڭدىكى خېنىنى سوراپتۇ، بۇنىڭدا بىلمەيدىغان نىمە بار؟ بالام.  بىزنىڭ يۇرتىمىزداقۇربانلىققا ئاتىغان قوشقارنىڭ بېشىغا خېنە سۈرۈپ زىننەتلەيدىغان ئادىتىمىز بار.مەن سېنى تۆت بالامنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى قىلىپ قۇربانلىققا تاللىدىم.  جېنىم بالام، قىيامەت كۈنى بېشىڭدىكى ئۇ بەلگە سىېنىڭ ئىشارىتىڭ بۇلىدۇ، مەن ئىنسانلار ئىچىدىن سېنى ئاسانلا تېپىۋالىمەن، ئاھ جېنىم بالام

  • ھاكىم ھىلىقى ياخشى ئەر كىشى ئۈچۈن:سەن بۇ كىشى كەلمىسە مىنى قۇيۇپ بىرىدۇ دەپ گۇمان قىلۋاتامسەن دىدى.

    ياخشى كىشى بولسا:ئى ھاكىم ئاللاھ ياردەمچىدۇر..........دىدى.

    ئاندىن ھاكىم قاتىل ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە تەييارلىق قىلىش،باللىرى ۋە ئايالى  بىلەن خۇشلىشۋىلىش، ئۆزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشىنى

    ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن  قايتىپ كىلىپ قىساسنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن  ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت بەردى،قاتىل كەتتى.

    ئۈچ كۈندىن كىيىن ئاخىرقى كۈننىڭ ئەسىر ۋاقتىدا،مەدىنە مۇنەۋەردە مۇنداق تۇۋلاندى

  • يازغۇچى:مەھمۇد ئەبۇ زۇھرە

    ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:مۇئەللىم

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىر سۈننەتنى تىرگۈزگۈچىلەرگەخۇش مۇبارەك بۇلسۇن.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ قاتارىدىن ئاللاھ ھەققىدە ياخشى كۈرۈش،ئۇ بولسىمۇ سۈننەتلەرنىڭ ئۈستۈندۇر.

    ئاللاھ ھەققىدە ياخشى كۈرۈش ئۇ بولسىمۇ،ياخشى كۈرگەن كىشىنى دۇنيا مەنپئەتنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ ھەققىدە ياخشى كۈرۈشتۇر،

    مۇشۇ ياخشى كۈرۈشنىڭ سەۋەبى بىلەم،بىر بىرىگە بولغان مىھرىبانلىق ئىشىپ،دۇسلۇق كۈچىيىدۇ ۋە قىرىنداشلىق مىھرى  شەكىللىنىدۇ.

  • تەبىئىيكى ئىلىم يولى ئەتراپلىرى رەيھان ۋە ئەتىرگۈللەر بىلەن بېزەلگەن،قېلىن گېلەملەر سېلىنغان،سايە-سالقىن،ھۇزۇربەخىش يول ئەمەس.ئىلىم يولى ئۆزىگە يارىشا مۇشاقەتلىك،قىيىن يول.سەبر-بەرداش تەلەپ قىلىدىغان ئېغىر،زەخمەتلىك يول.تالىبى ئىلىم مەكتەپ ۋە مەدرەسەلەرنىڭ شىنەم خانىلىرىدا،قولاي ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرسا ھەم،ئۇنىڭ ئۈچۈن بارچە قولايلىقلار مۇھەييا قىلىنسا ھەم،ئىلىم يولى بەرىبىر ئۆز ئېغىرلىقى بويىچە قىلىۋېرىدۇ.«ئۇلۇل ئەزىم»دەپ تونۇلغان بەشتە ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەردىن بىرى،مۇشتى بىلەن خەرسەڭ تاشنى سۇندۇرغان موسا ئەلەيھىسسەلام ئىلىم يولىدا قىيىنچىلىققا يولۇققانلارنى تەن ئېلىپ :«ھەقىقەتەن بۇ سەپىرىمىزدە تولىمۇ بەك چارچىدۇق»دېگەن ئىدى.

  • ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:زۇننۇن

     ئىسلام دىنى ئىلىمگە ئۈندەيدۇ.بۇ ھەممىگە مەلۇم،ئايدەك روشەن،ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر.«دىن ئىلىمگە قارشى»دەيدىغان ئويدۇرما گەپلەر بولسا ئاساسسىزدۇر.ھاياسىز ۋە ئىمانسىزلارنىڭ ئادەملەرنى دىندىن بەزدۈرۈش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان باھانىسىدۇر.

    يىگىتلىكنى ئىنسان ئۆمرىنىڭ باھارى قىلغان اللە سۈبھانە ۋە تەئالاغا چەكسىز ھەمدۇ سانا ئېيتىمىز.يىگىتلىكى ۋايىغا يەتمىگەن كىچىك بالىلار ھەم،يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان كېكسە،چاللار ھەم ئارزۇ ھەۋەس قىلىدىغان،ئالتۇنغا تېپىلماس بىباھا دەۋر قىلىپ ياراتقان يىتۈك ھىكمەت ۋە ئۇلۇغ قۇدرەت ساھىبى بولمىش ياراتقۇچىمىز-خالىق بەرھەققە شۈكرانىلەر ئېيتىمىز.

  • ئەفىفىنىڭ تويىغا ئاتالغان شېئىر)

    كىچىككىنە ئۆي

     

    ياڭاق بىلەن ئەنجۈر ئارىسىدا

    ئېچىلدى ئاخىر سۆيگۈ ئىشىكى.

    نۇرلۇق يۈرىكىنى كۆتۈرۈپ

    كۈلۈمسىرەپ كىردى ئەفىفى.

     

    خوتەن قىزى ئوماق كېلىنچەك

    بىخ چىقاردى،ئاچتى گۈل-چېچەك.

    ئۆيدە ئاسمان،قىلماقتا پەرۋاز.

    گۈل بىلەن نۇر جۈپ قارلىغاچتەك.

  • ئەينەكلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرار

    مۇڭلۇق بۇلۇتى،

    قارا يۈرىكى.

    دېڭىز يېڭى يول ئىزدەر قىرغاقتىن

    كەلگەندە شىددەتلىك بوران قارمىقى.

    كىتاب ئۆزىنى ئاچماقتا مەغرۇر،

    كەينىدە تېپىرلايدۇ ئىسسىق دولقۇنلار.

    ئىسكىرىپكا ھەسرەتلىك چېلىنىدۇ

    قىزچاقنىڭ كۈزدىكى قوللىرىدا

  • غاز قىزچاقنىڭ قانىتى بار بىر جۈپ

    ئوڭ قانىتى تۇمان،سول قانىتى دېڭىز.

    ئۇچۇپ كەت تۇمان،ئۇچۇپ كەت دېڭىز

    قايتىپ كەل تۇمان،قايتىپ كەل دېڭىز

| تارقاتقۇچى ئورۇن: بىلىمدان بىلوگى| بىلوگ يازغۇچى: | ناۋال